تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ

تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك قارارى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، ھەرىكەتنىڭ رايوندا خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىق مۇھىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2050373
تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ ئامېرىكانىڭ 2019-يىلدىن باشلاپ سۈرىيە دائىرىسىدە «جىددىي ھالەت» نامىدا چىقارغان پىرېزىدېنت پەرمانى توغرىسىدىكى سوئالغا يازما جاۋاب بەردى.

ئۇ «تىنچلىق بۇلىقى» ھەرىكىتىنىڭ پ ك ك|ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىپ، ئۇلارنى تۈركىيە چېگراسىدىن يىراقلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەرىكەتنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقىمۇ تۆھپە قوشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن يېڭىلانغان پەرماندا ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرنىڭ تېمىسى بولغان «تىنچلىق بۇلىقى» ھەرىكىتىنىڭ، ماھىيەتتە ب د ت نىزامنامەسىنىڭ 51-ماددىسىدىكى  ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قارارلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، رايوندا خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىق مۇھىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئامېرىكانىڭ بۇنداق بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىدىغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان سىياسەتلىرىنى چۈشەنگەن ھالدا قوللىشى، بۇ ئىككى ئىتتىپاقداشنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ۋە قىممەتلىك مۇناسىۋەتلىرىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ئامېرىكانىڭ بۇ رامكىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتىكى بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئاقساراي ئېلان قىلغان  باياناتقا قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى «سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇ دۆلەتتىن كېلىدىغان ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ھەمدە تاشقى سىياسىتىگە قارىتىلغان ئادەتتىن تاشقىرى پەۋقۇلئاددە تەھدىت» لەرگە تااقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە چۈشۈرگەن پەرمانىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغانلىقى توغرىسىدا كونگرەگە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت بايدىن «بولۇپمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى، دائېشقا قارشى كۈرەشنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۆۋەتتىكى سۈرىيە ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ «ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ۋە تاشقى سىياسىتىگە دەرىجىدىن تاشقىرى پەۋقۇلئاددە تەھدىتلەر» نى پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ سەۋەبتىن، بايدىن 2023-يىلى 14-ئۆكتەبىر توشىدىغان جىددىي ھالەتنى يەنە بىر يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر