تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قاراباغ توغرىسىدىكى قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2047192
تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىغان «ئەزەربەيجاننىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىنكى تاغلاق قاراباغنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيەگە قارىتا داۋاملىشىۋاتقان تەھدىتلىرى» تېمىلىق قارار ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «قانۇنىي جەھەتتىن ھېچقانداق كۈچكە ئىگە بولمىغان بۇ قارار مەسئۇلىيەتسىزلىك، بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ مەھسۇلىدۇر، شۇنداقلا نادانلىقنىڭ سىمۋولىدۇر.»

«ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەگە قارشى ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر ۋە دەۋالار بىلەن تولۇپ تاشقان قارارلارنى چىقىرىش بىلەن ھەلەك بولۇۋاتقان ئايرىمىچى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسىنىڭ دۆلىتىمىزگە قارشى سۆزلىرىگە ئاساسلانغان بۇ قارارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

«ياۋروپا سىياسىتىدە ئاۋامچىلىق، ئىرقچىلىق، ئىسلام دۈشمەنلىكى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ھەم بىر گەۋدىلىشىشكە قارشى تۇرۇش خاھىشلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. ياۋروپا بۇ سىياسەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەڭسۇڭسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يېقىندا توشىدىغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئاساسلىنىدىغان، ئىجابىي، كەڭ دائىرىلىك قارارلارنى چىقىرالايدىغان ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئىش قىلالايدىغان بىر قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇشىغا تىلەكداشمىز.»

«تۈركىيە جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە. تۈركىيە ئەرمېنىيە بىلەن نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە كونكرېت تۆھپىلەرنى قوشماقتا، ھەمدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توقۇنۇش ۋە ئىنسانىي كرىزىسىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن تىنچلىق، قېرىنداشلىق ۋە ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە ھەرىكەت قىلماقتا. دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە مۇھىم ۋە ھەممە تەرەپكە ھەمنەپەس بولالايدىغان كۈچلۈك بىر ئاكتىيورغا ئايلانماقتا.»

«ھېچكىم ئويلاشمايدىغان، ئەمما نەزەر دائىرىسى تار كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز تېكىستلەر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىغا ئايلىنىپ، ئالدىمىزغا قويۇلماقتا. بىز بۇنى سىستېما خاراكتېرلىك ئاجىزلىق دەپ قارايمىز. دەرۋەقە، بۇ قارارنىڭ بىزگە نىسبەتەن قىلچە ئەھمىيىتىمۇ يوقتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر