ئەردوغان ئوربان بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2147104
ئەردوغان ئوربان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان-ئوربان تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – ۋېنگىرىيە مۇناسىۋەتلىرى، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ۋېنگىرىيەگە مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن، ھەمدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى جانلاندۇرۇشتا بۇداپېشت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنقەرەنى قوللىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەردوغان ئاخىرىدا، ۋىكتور ئورباننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر