ئۇرالئوغلۇ: ئالجىرىيە تۈركىيەنىڭ «ئافرىقا دەرۋازىسى» ھېسابلىنىدۇ

تۈركىيە قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ   ئالجىرىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئافرىقاغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى، تۈركىيەنىڭمۇ بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2041187
ئۇرالئوغلۇ: ئالجىرىيە تۈركىيەنىڭ «ئافرىقا دەرۋازىسى» ھېسابلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ  21 – سېنتەبىر  كۈنى باشلانغان ۋە ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئالجىرىيە زىيارىتى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، بۇ دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىنى ئالجىرىيەنىڭ ئاممىۋى ئىشلار، سۇ ۋە ئاساسلىق مۇئەسسەسەلەر مىنىستىرى لاھدار راھرۇھنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا ئالجىرىيە قاتناش مىنىستىرى يۈسۈف شارفا، بېلىقچىلىق ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرى ئەھمەد بەدانى، ئالجىرىيە پوچتا ۋە خەۋەرلىشىش ئىشلىرى مىنىستىرى كېرىم بىبى تىركى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇرالئوغلۇ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، ئالجىرىيەدە تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى، ئالجىرىيە دائىرىلىرى بىلەن ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش، دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلمىلىرى، بېلىقچىلىق، ئاۋىياتسىيە ۋە خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردە ئورتاق قەدەملەرنى تاشلاش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىن باشلىنىپ لوندونغا تۇتىشىدىغان ئوتتۇرا كارىدورغا جايلاشقان مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرا كارىدوردا، شۇنداقلا فاۋ پورتىدىن خابۇر ۋە ئوۋاكۆي چېگرا ئېغىزىغىچە سوزۇلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشكە باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، ئالجىرىيەنىڭ ئافرىقادىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالجىرىيە تۈركىيەنىڭ ئافرىقاغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى، تۈركىيەمۇ بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئېچىلىدىغان مۇھىم دەرۋازىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، دېڭىز سودىمىزنىمۇ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.»

ئالجىرىيە ئاممىۋى ئىشلار، سۇ ۋە ئاساسلىق مۇئەسسەسەلەر مىنىستىرى راھرۇھ مىنىستىر ئۇرالئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە-ئالجىرىيە سودا-سانائەتچىلەر مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى، بۇ يىغىننىڭ، شۇنداقلا ئۇرالئوغلۇ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلارنىڭ  ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

راھرۇھ تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ئالجىرىيەدىكى ئەڭ چوڭ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەر ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئالجىرىيەگە سېلىۋاتقان سېلىنمىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر