مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باكۇنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا باكۇنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى.
تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان مانېۋىرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى كىرىشتۈرۈلگەن بىر سىن كۆرۈنۈشى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىنغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا: «باكۇنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن. نۇرى (كىللىگىل) پاشا ۋە ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى كاۋكاز ئىسلام قوشۇنى قەھرىمانلىرىنى ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز. بۇنىڭدىن 105 يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاش بۈگۈنمۇ ئەزەربەيجان تۈركىي قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر يۈرەك، بىر مۇشت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.