تۈركىيە ئامېرىكانى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتى ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسىنى  ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

2026730
تۈركىيە ئامېرىكانى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«بىز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە كۆرسەتكەن  ھەققانىي نارازىلىقىنى تولۇق قوللايمىز. ئامېرىكانىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تەرەپكە زىت رايوندا تاشلىغان تەڭپۇڭلۇقنى بۇزغۇچى ھەر تۈرلۈك قەدەملىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئارالدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن بىتەرەپ ئورنىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى شۇنداقلا  قىبرىس مەسىلىسىگە ئادىل، مەڭگۈلۈك ۋە سىجىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن قېتىم ئەسكەرتكەنلىكىمىزنى ئەسلىتىپ قويۇشنى خلايمىز. ئامېرىكانى رايوننىڭ مۇقىملىقىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان مەزكۇر سىياسەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىق قىلىمىز. تۈركىيە كېپىل دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخىي ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر