ئەردوغان ئەنقەرەدە ئابباس ۋە ھەنىييە بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن كۆرۈشتى.
2016417
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە رەسىمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۈچ تەرەپ يېپىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى.