ئەردوغان بۈگۈن ئەنقەرەدە ئابباس بىلەن كۆرۈشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشىدۇ.

2015635
ئەردوغان بۈگۈن ئەنقەرەدە ئابباس بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس  ئەردوغان ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنى كۈتۈۋالىدۇ.

ئەردوغان پەلەستىنلىك مەنسەپدىشى مەھمۇد ئابباسنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سەيناسىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالىدۇ. مۇراسىمدىن كېيىن، رەھبەرلەر ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تەشكىل قىلىدىغان سۆھبەت جەريانىدا، رايوندا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش تەسەۋۋۇرىغا ماس ھالدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئەردوغان بىلەن ئابباسنىڭ ئۇچرىشىشى جەريانىدا يەنە، تۈركىيە - پەلەستىن مۇناسىۋەتلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتىكى رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر