فاخرەتتىن ئالتۇن 15- ئىيۇل فەتھۇللاھچىلار خىيانىتى مۇناسىۋىتى بىلەن سىنلىق ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى
جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى (FETO) نىڭ 2016-يىلى 15- ئىيۇل ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشنىڭ 7 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان سىننى ھەمبەھىرلىدى.
2011915
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: فاخرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «ھېچكىىشى بۇ مىللەتكە ئاسارەتنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. مەيدانلارنى قارشىلىق كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇپ، 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان ۋە تەۋرەنمەس ئىمان - ئېتىقاد بىلەن تېررورچىلارنى بىر-بىرلەپ تەسلىم قىلغانلارغا سالام بولسۇن» دېدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان سىندا «تۈركىيە ئەسرىنىڭ قەھرىمانلىرى» مارشىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى.