تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا 15 - ئىيۇل خاتىرىلەندى

15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

2011751
تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىك ئورۇنلىرىدا 15 - ئىيۇل خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى سەدات ئۆنال، تۈركىيەنىڭ نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى رەيھان ئۆزگۈر، ئامېرىكا ۋە چەت ئەل دىپلوماتلىرى، ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە پۇقرالار قاتناشتى.

پائالىيەتتىن ئىلگىرى، 15 – ئىيۇل (2016) جانلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنىڭ ئىسىم ۋە سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن يوغان بايراق تۈركئۆيىنىڭ 16 - قەۋىتىنىڭ بالكونىغا ئېسىلدى.

پېرۇنىڭ لىما شەھىرىدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە باش ئەلچى سەررا كالەلى، تۈركىيە ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى قاتناشتى.

بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، تۈركىيە ئەسىرى قەھرىمانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىپادىلەندى.

ئېكۋادورنىڭ كىتو شەھىرىدە تۈركىيە باش ئەلچىسى مەقبۇلە يالچىننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئېكۋادوردا ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

كولومبىيەنىڭ بوگوتا شەھىرىدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى پائالىيىتىگە كولومبىيەدىكى تۈركىيە ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرى قاتناشتى؛ پائالىيەت جەريانىدا، ۋەتەن ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان ئەزىز شېھىتلەرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ۋېنېزۇئېلادا تۈركىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ كاراكاس شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئايدان قارامانئوغلۇنىڭ ساھىبخانلىقىدا  15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئارگېنتىنادىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا تۈركىيەنىڭ بۇئېنوس ئايرېس شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈلەيمان ئۆمۈر بۇداكنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شېھىتلەر ۋە غازىلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ياپونىيەدىكى تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى قارمىقىدىكى توكيو جامەسىنىڭ ئەرتۇغرۇل زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائىي ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى.

فوتوگراف كۆرگەزمىسى ئېچىلغان پائالىيەتتە، مېھمانلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان «15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى» تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر