جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ قايتا ئۇزارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2008617
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشتى
erdogan-zelenskiy1.jpg
zelenskiy-erdogan.jpg
erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى؛ ئىككى رەھبەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ۋە 17 – ئىيۇل مۇددىتى توشىدىغان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى قاتارلىق رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت زېلېنىسكىينىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشىغا پاراللېل ھالدا ئىككى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزدى؛ سۆھبەتلەردىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك سانائەتلەر ساھەسىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، موتور تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاسراش پائالىيەتلىرى ساھەسىدىكى ئورتاق تۈرلەرنى قوللاش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

ئەردوغان يىغىن ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ توقۇنۇش خەۋپى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن تارتىپلا رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ئۇرۇشنى خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان مۇرەسسە قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئىستانبۇلدا قويۇلغان ئىمزالار سايىسىدا قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ روياپقا چىققانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان: «مەن تۈرك بوغۇزلىرىدىن دۇنياغا ئېچىلغان بىر نەپەس نەيچىسى مىسالى بىر يىلدا 33 مىليون توننىغا يېقىن ئاشلىقنى موھتاج كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بەرگەن كېلىشىمنىڭ 17 – ئىيۇل توشىدىغان مۇددىتىنىڭ قايتا ئۇزارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بۇ مەقسەتنى كۆزلەپ، دۇنياۋى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

«شۈبھىسىزكى، (ئۇكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) ناتوغا ئەزا بولۇشقا مۇناسىپ» دېگەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئادىل تىنچلىقنىڭ مەغلۇبى بولمايدۇ. گەرچە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش پەرقى بولسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنى زايە قىلماستىن تىنچلىق ئورنىتىشقا يۈزلىنىش بىزنىڭ ئەڭ سەمىمىي ئارزۇمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ھەر خىل ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئۇكرائىنا بىلەن ھەمكارلىشىش بىلەن بىرگە، ئۇرۇشقا سۆھبەت يولى بىلەن خاتىمە بېرىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر