تۈركىيە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ جەنىن شەھىرىەە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ جەنىنغا قىلغان ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى.

2006596
تۈركىيە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ جەنىن شەھىرىەە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان جەنىن شەھىرىگە بۈگۈن قىلغان ھۇجۇملىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز. رايوندىكى نۆۋەتتىكى جىددىيچىلىكنىڭ بۇ ھۇجۇملار تۈپەيلىدىن يېڭى بىر زوراۋانلىق دولقۇنىنى قوزغايدىغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىماقتىمىز. بىز ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىگە ئەقىل-پاراسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىش ۋە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى توختىتىش ھەققىدىكى چاقىرىقىمىزنى قايتىدىن تەكىتلەيمىز. ۋەقەدە قازا قىلغان پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ئالللاھتىن رەھمەت، يارىدارلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز. پەلەستىن دۆلىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە تىلەكلىرىمىزنى يوللايمىز»

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان جەنىن شەھىرىگە تۈنۈگۈن (3-ئىيۇل) قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ۋە بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا سەككىز پەلەستىنلىك قازا قىلغان ئىدى.

ئەل-بىرە شەھىرىدىمۇ بىر پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بېشىغا ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر