تۈركىيە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى پەلەستىننىڭ ئۇرىف شەھىرىدىكى بىر مەسچىتكە باستۇرۇپ كىرىپ، قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

2003482
تۈركىيە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا سادىر قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان قايتىدىن كۈچىيىشكە باشلىغان غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)تىكى جىددىي ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بىز بىر توپ يەھۇدىي كۆچمەننىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىننىڭ ئۇرىف شەھىرىدىكى بىر مەسچىتكە كىرىپ، مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىغا لەنەت ئېيتىمىز. بۇ قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئۆچمەنلىك جىنايىتىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يەنە كۆچمەن يەھۇدىيلارنىڭ غەربىي قىرغاقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرى ۋە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پەلەستىن پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنىمۇ قاتتىق ئەيىبلەيمىز.

ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىن خەلقىگە، ئىبادەتخانىلىرىغا، ئۆي - ماكان ۋە مال - مۈلۈكلىرىگە قىلىۋاتقان بارلىق ھۇجۇملىرىنىڭ شۇنداقلا ئىسلام دۈشمەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشىنىڭ، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر