«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا سۇنئىي ئەقىل مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — ت ر ت (TRT) نىڭ خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە قانىلى ت ر ت ۋورلد (TRT World) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «كەلگۈسىگە نەزەر —  ‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا سۇنئىي ئەقىلنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بولغان تەسىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

2002547
«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا سۇنئىي ئەقىل مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا «يېڭى چېگرا خاراكتېرلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلە —   سۇنئىي ئەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؟» تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

جاففار خاسنايىن رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا، گوگۇل شىركىتىنىڭ ئاساسلىق قارارلىرىنى چىقىرىش ئىشلىرى دىرېكتورى كاسسى كوزىركوۋ، «ئالموست» مېدىيا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دىرېكتورى چو، «Goodable» مېدىيا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇھەممەد لىلا قاتارلىقلار قاتناشتى.

گوگۇل شىركىتىنىڭ ئاساسلىق قارارلىرىنى چىقىرىش ئىشلىرى دىرېكتورى كاسسى كوزىركوۋ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەسىلىسىدە سۇنئىي ئەقىلگە سېلىشتۇرغاندا ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ ماھىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سۇنئىي ئەقىل ئادەمنى مەشغۇل قىلىدىغان ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ تېز ئىجرا قىلالايدۇ، شۇنداقلا بىزنىڭ مۇھىم ئىشلارغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشتە بىزگە ياردەم بېرىدۇ.»

«ئالموست» مېدىيا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دىرېكتورى چو سۈنئىي ئەقىلنى ئىشلىتىشتە ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە بۇ تېخنولوگىيەنى ئىشلىتىشتە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.

«Goodable» مېدىيا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مۇھەممەد لىلا ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئۇچۇرلارغا ئەھمىيەت بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، سۇنئىي ئەقىلنىڭ  ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى قۇتۇپلىشىش (تەرەپبازلىق) نى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىشىدىن قاتتىق  ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«يولنى باشقىچە تاللاش —  ساياھەتنىڭ ئۆزگىرىشچان كېلەچىكى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا، ساياھەتچى ۋە ئاممىۋى تاراتقۇ ھەۋەسكارى مۇھەممەد ئەلسېلىنى نۇتۇق سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى.

ئەلسېلىنى «گوگۇل خەرىتىسى» قاتارلىق ھەر خىل قوللىنىشچان پىروگراممىلارنىڭمۇ شەخسلەرنىڭ ساياھەت تەجرىبىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، بۇ پىروگراممىلارنىڭ سۇنئىي ئەقىل سايىسىدا كىشىلەرنىڭ قىزىقىش ئەھۋالىغا قاراپ تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، شۇنداقلا بۇ پىروگراممىلارنىڭ ساياھەتچىلىكنى كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«كەلگۈسىگە نەزەر —  ‹TRT World› مۇنبىرى» نىڭ «كىلىمات ئەندىشىسى —   ياشلار ئوخشىمىغان پىلانېتنى ئارزۇ قىلىدۇ» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە قىسمىدىمۇ كىلىمات ئىشلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى «كىلىمات كرىزىسى» ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

رېگان دېس ۋىگنېس رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا، كىلىمات ئىشلىرى پائالىيەتچىسى، «Force of Nature» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دېرىكتورى كلوۋېر خوگان، «Earth Uprising International» گۇرۇھىنىڭ مېدىيا ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى رېم ئەلساففار، «BlackGirl Environmentalist» گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاۋا گاتېرۇ ۋە مۇھىت ئاسرىغۇچى سەيفۇنمى ئادېبوت قاتارلىقلار قاتناشتى.

«Force of Nature» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دىرېكتورى كلوۋېر خوگان يەرشارىۋى مەسىلە بولغان كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈلمەسلىكىنىڭ «ئاجىزلىق» قا سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

«BlackGirl Environmentalist» گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاۋا گاتېرۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جاۋابكار  ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«Earth Uprising International» گۇرۇھىنىڭ مېدىيا ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ دىرىكتورى رېم ئەلساففار كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىنى «كىلىمات كىرىزىسى» دەپ تەسۋىرلەشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، ھەمدە بۇ مەسىلىنى ئىنسانلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۈمىدىمىزنى يوقىتىپ قويماي كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە قارشى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر