ئەردوغان مۇساپىرلار مەسىلىسىنى مەنبەسىدە تۇرغۇزۇپ ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 20- ئىيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى...

2002091
ئەردوغان مۇساپىرلار مەسىلىسىنى مەنبەسىدە تۇرغۇزۇپ ھەل قىلىشنىڭ  زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قوشنىدارچىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئىزچىل ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ۋەتىنىگە بىخەتەر، ئىختىيارى ۋە ئىززەت – ئابرويى قوغدالغان ھالدا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر تۈرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق، توقۇنۇش، ئىچكى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە قۇرغاقچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان تېلېگراممىسىدا: «بىزنىڭ تەرتىپسىز كۆچمەنلىك ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداشتۇر. ئەسىرلەردىن بۇيان ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلماستىن، زۇلۇمدىن — زىيانكەشلىكتىن قاچقانلارنى باغرىغا بېسىپ كەلگەن مىللىتىمىز، ئۇ ۋىجدانىي پوزىتسىيەنى سۈرىيەدىن ئۇكرائىناغىچە بولغان رايونىمىزدىكى كرىزىسلار ئالدىدا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. تۈركىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قوشنىدارچىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئىزچىل ئادا قىلىپ، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ۋەتىنىگە بىخەتەر، ئىختىيارى ۋە ئىززەت – ئابرويى قوغدالغان ھالدا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى قوللايدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر تۈرلەرنى يولغا قويىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

غەرب دۆلەتلىرىدە يىلتىز تارتقاندىن كېيىن زەھەرلىك سېرىق ئوتقا ئوخشاش باشقا جەمئىيەتلەرگىمۇ تارقالغان مۇساپىرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش خاھىشىنى، يېڭى ناتسىستلارچە ئىدىيەنى، مۇسۇلمانلار بىلەن چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بىز ئۆزىنىڭ ئىرقى، كۇلتۇرى ۋە ئەقىدىسى سىرتىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ئىنسان ھېسابلىمايدىغان بۇ كېسەل ئېقىملارنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كەلگۈسىگە تەھدىت دەپ قارايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تارىختىن بۇيان مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن ئاق دېڭىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غايەت زور مۇساپىرلار قەبرىستانلىقىغا ئايلىنىشىدا يىلتىزى مۇستەملىكىچىلىككە تۇتىشىدىغان تەكەببۇر روھىي ھالەتنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك تەسىرى بارلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «ئۆتكەن ھەپتە ئەگە دېڭىزىدا يۈز بېرىپ، كۆپىنچىسى بالىلاردىن تەركىب تاپقان يۈزلەرچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى، بۇنىڭ ئەڭ يېڭى ۋە نومۇس قىلارلىق مىسالىنى تەشكىل قىلدى» دېدى.

ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزىدىن باشقا ھەممە ئادەمگە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ساۋىقى بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەمدى بولسىمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆچۈشكە، يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنى مەنبەسىدە تۇرغۇزۇپ يوقىتىش ئارقىلىقلا ھەل بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر