چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكادىكى «تۈرك ئۆيى»گە قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە توختالدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ئامېرىكادىكى تۈرك ئۆيىگە قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە توختالدى.

1990004
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكادىكى «تۈرك ئۆيى»گە قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى «تۈرك ئۆيى»گە قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە توختىلىپ: «تۈرك ئۆيىنىڭلا ئەمەس، ئامېرىكادىكى باشقا ۋاكالەتخانىلىرىمىزنىڭمۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ئامېرىكادىكى تۈرك ئۆيىگە قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ھۇجۇمچى تېخى تۇتۇلمىغان بولسىمۇ، كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ رايوندا قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى، بىر ساقچى پونكىتىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى، پونكىت قۇرۇلۇپ بولغۇچە نىيۇ يورك ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ پوستتا تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ھۇجۇمنىڭ نېمە مەقسەتتە قىلىنغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما ھۇجۇمچى قولغا چۈشۈرۈلگەندە مەسىلىنىڭ ئايدىڭلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بارماق ئىزى تېپىلغان ھۇجۇمچىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىنىڭ ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز (ئامېرىكا) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نىيۇ يورك ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئامېرىكا باش ئەلچىسى جېف فلېيك ئۇچۇر يوللىدى، ئارقىدىن تېلېفونلاشتۇق، مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتۇق» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ساھىبخان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىپلوماتىك ئورۇنلارنى قوغداشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز بۇ كىشىنىڭ بالدۇرراق قولغا چۈشۈرۈلۈشىنى كۈتۈۋاتىمىز. بىز قوشۇمچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ تۈرك ئۆيى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئامېرىكادىكى باشقا ۋاكالەتخانىلىرىمىز ئۈچۈنمۇ يولغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. باش ئەلچىمىز، دوستلىرىمىز، ئەنقەرەدىن بىز بولۇپ ھەممىمىز مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر