قالىن ئىتامار بېن-گۋىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

ئىبراھىم قالىن ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن- گۋىرنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىنغان شەرقىي قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى.

1988983
قالىن ئىتامار بېن-گۋىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنىڭ ھەرەم-شەرىفكە باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ۋە قانۇنسىز قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىز مەسجىدى ئەقسانىڭ دىنىي ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇرۇنۇشلارغا قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر