جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 19- ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

1988387
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خەلقىنىڭ مىللىي كۈرەشنىڭ باش قوماندانى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ سامسۇنغا يېتىپ بېرىشىنىڭ 104 – يىلىنى خاتىرلەشنىڭ خۇشاللىقى ۋە قىزغىنلىقىغا جۈر بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، 19- ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى

غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن تۈرك ياشلىرىغا سوۋغا قىلىنغان 1919- يىلى  19- مايغا «ئەجدادلارنىڭ ئىمكانسىزلىقلار ئىچىدىمۇ  كۈچلۈك ئىمان ۋە ئېتىقاد بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ سىمۋولى» دەپ باھا بەرگەن ئەردوغان: «19- ماي تۈركىيە خەلقىنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە جاھانگىر كۈچلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ بۈيۈك قەھرىمانلىق داستانلىرىدىن بىرىنى يېزىشقا باشلىغان كۈندۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەجدادلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىستىقبالىنى قوغداش يولىدىكى قەھرىمانلىقلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئەڭ جانلىق شەكىلدە يەتكۈزۈشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «بىز بۇ تونۇش بىلەن ئەجدادلىرىمىزدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىكى روھ بىلەن تاپشۇرۇۋالغان مۇبارەك ئامانەتلەرنى قوغداۋاتىمىز. ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ سىمۋولى بولغان تۈركىيە ئەسىرىنى بەرپا قىلىۋاتىمىز. كۈرەش قىلىش روھىمىزنى، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە قۇرۇپ چىقىش قىزغىنلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ياشلىرىمىزنى ھەر ساھەدە قوللاۋاتىمىز، ئۇلارنى ھەر خىل ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەۋاتىمىز.

دۆلىتىمىزنىڭ دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات قەدەملىرىنى لايىھىلەش ۋە يولغا قويۇشتا ھەممىدىن بەك ياشلىرىمىزغا ئىشىنىمىز. بىز تەمىنلىگەن پۇرسەتلەردىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىپ، بىزنى پەخىرلەندۈرگەن ياشلىرىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ياشلىرىمىزنىڭ ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمدەم بولىمىز.

بىز <تۈركىيە ئەسىرى> تەسەۋۋۇرىمىزنى تاپشۇرغان ياشلىرىمىزنىڭ ئاخىرقى دۆلىتىمىز بولغان <جۇمھۇرىيىتىمىز>نى كۈچلۈك قوغدىشى بىزنىڭ كەلگۈسىمىزگە ئىشەنچ بىلەن قارىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلماقتا. مەن بۇ قاراشلار بىلەن، 19- ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن، غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك باشتا بولۇپ، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر