19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى تۈركىيە مىقياسىدا تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياشلار ھەپتىسى ۋە 19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىمەكتە.

1988328
19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى تۈركىيە مىقياسىدا تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى  ياشلار ھەپتىسى ۋە 19 - ماي ئاتاتۈرك، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى خاتىرىلەش دائىرىسىدە، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 21 – كۈنىگىچە «يېشىمىز ھەمىشە 19» دېگەن تېما ئاستىدا ھەر قايسى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر، ئۇنىۋېرسىتېتلار، پۇقرالار جەمئىيەتلىرى، ئاممىۋى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىمەكتە.

پائالىيەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن، شۇنداقلا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەزەربەيجاندىن كەلگەن ياشلار ئالدى بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۇچرىشىدۇ.

ياشلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) ۋە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر