چەت ئەللەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىدىن 1 مىليون 785 مىڭ 570 كىشى سايلامغا بېلەت تاشلاپ بولدى
14-مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلىغان سايلىغۇچىلارنىڭ سانى 1 مىليون 785 مىڭ 570 گە يەتتى.
1984516
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: سايلام ئالىي كېڭىشىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 27-ئاپرېل (2023) دا باشلانغان بېلەت تاشلاش ئىشلىرى جەريانىدا، چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا 1 مىليون 662 مىڭ 41 سايلىغۇچى، تاموژنا ئېغىزلىرىدا 123 مىڭ 529 سايلىغۇچى بېلەت تاشلىغان.
چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى تۈنۈگۈن (9-ماي) ئاخىرلاشقان. تاموژنا ئېغىزلىرىدا بولسا، 14-ماي تۈركىيە ۋاقتى سائەت 17:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.