ئەردوغان: «زىگانا تونېلى» تەرەققىياتنىڭ سىمۋولى بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «زىگانا تېغى» دىن ئۆتكىلى بولىدىغان قىلغان يېڭى «زىگانا تونېلى» نىڭ، رايوننىڭ ھەر ساھەدىكى تەرەققىياتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1982419
ئەردوغان: «زىگانا تونېلى» تەرەققىياتنىڭ سىمۋولى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترابزوندا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى «زىگانا تونېلى» نى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ تونېلنىڭ دۇنيا بويىچە  ئۈچىنچى، ياۋروپا ۋە تۈركىيە بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قوش تونېل قىلىپ ياسالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ترابزون بىلەن گۈمۈشخانە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تونېل ئارقىلىق قارادېڭىزنى شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇغا، ئۇ يەردىن ئىران ۋە ئوتتۇرا شەرققە، يەنى تارىخىي يىپەك يولىغا تۇتاشتۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «<زىگانا تېغى> دىن ئۆتكىلى بولىدىغان قىلغان يېڭى <زىگانا تونېلى> رايونىمىزنىڭ ھەر ساھەدىكى تەرەققىياتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىدۇ. ۋاقىت، يېقىلغۇ تېجەش ۋە كاربون قويۇپ بېرىشتىن كېلىدىغان پايدىلىرىدىن باشقا، قارادېڭىز پورتلىرى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي رايونلىرى ئوتتۇرىسىدا يېڭى نەپەسلىنىش تۇرۇبىسى ئېچىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر