قۇرتۇلمۇش كۇبانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش كۇبا پايتەختى ھاۋانادا مۇئاۋىن پىرېزىدېنت سالۋادور ۋالدېس مېسا ۋە باش مىنىستىر مانۇئېل ماررېرو كرۇز بىلەن كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش كۇبانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مېسا بىلەن ئىنقىلاب سارىيىدا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، دۇنيا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل جۇغراپىيەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، كۇبا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىمۇ ھەر ساھە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان كۆرۈشۈشتە، نۇمان قۇرتۇلمۇش كۇبا خەلقىنىڭ پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارالىق تۈزۈمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەرلىكىنى قوغدايدىغان يېڭى، ئادىل دۇنيا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش باش مىنىستىر كرۇز بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ كۇباغا بولغان قىزىقىشلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ كۇبا خەلقىنىڭ ھاياتىغا پايدىلىق ھەمكارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە بۇ دۆلەتتىكى بەزى ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈرلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.