ئەردوغان تۈركىيەنىڭ جۇدىنىڭ گابار رايونىدا زور مىقداردا نېفىت بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇدىنىڭ گابار رايونىدىن كۈنىگە 100 مىڭ ۋارىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە نېفىتلىك بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى.

1981934
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ جۇدىنىڭ گابار رايونىدا زور مىقداردا نېفىت بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن (2-ماي) كونيادا سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇلتۇر دۇنيادىكى قۇرۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان 10 چوڭ بايقاشنىڭ بىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن 6–5 يىل ئىلگىرىكى كۈندىلىك تەخمىنەن 40 مىڭ ۋارىل بولغان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر قاتلىنىپ 80 مىڭ ۋارىلغا يەتتى. ھازىر مەن سىلەر بىلەن يېڭى بىر خۇش خەۋەرنى ئورتاقلىشىمەن. بىز جۇدى گاباردا كۈنىگە 100 مىڭ ۋارىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە نېفىتلىك بايقىدۇق. جىزرەگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردىكى بۇ نېفىت زاپىسىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى.

بىز يەرنىڭ 2600 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا بايقىغان نېفىتنى رايوندا بۇرغىلايدىغان 100 قۇدۇق ئارقىلىق 100 مىڭ ۋارىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا يەتكۈزەلەيمىز. بىرىنچى قۇدۇقتىن ئالغان نېفىتنى چەككىلەش ئۈچۈن ئەۋەتىشكە باشلىدۇق. ئۆز ئالدىغا كۈندىلىك ئىستېمالىمىزنىڭ ئوندىن بىرىنى قامدايدىغان بۇ نېفىت زاپىسىنىڭ دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىدا شۈبھە يوق» دېدى.

مەزكۇر رايوندىن يېڭى خۇش خەۋەرلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «گاباردىكى قۇدۇققا بۆلگۈنچى تەشكىلات تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن شېھىت ئوقۇتقۇچىمىز ئايبۈكە يالچىننىڭ ئىسمىنى قويدۇق. شۇ رايوندىكى كۈنىگە 9 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يەنە بىر قۇدۇققا پارتلاتقۇچ مۇتەخەسسىسى ئوفىتسېر شېھىت ئەسما چەۋىكنىڭ ئىسمىنى قويغانىدۇق. يېڭى ساھەمىز شېھىت ئايبۈكە <1-يالچىن> قۇدىقمىز، ئىنشائاللاھ، بىزنى دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چىقىرىلغان نېفىتتىنمۇ كۆپ نېفىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ھازىرچە كۈندىلىك 180 مىڭ ۋرىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقى يولىدا يېڭى بىر قەدەم تاشلىغان بولدۇق. بىز نۆۋەتتە زاپاسلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ھەققىدە توختالمايدىغان ھالغا كەلدۇق. بولمىسا، بىزنىڭ گاباردىكى يېڭى بايقىشىمىزنىڭ قىممىتى نەچچە مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. قارا دېڭىز گازىمىزنىڭ قىممىتى نەچچە يۈز مىليارد دوللارلار بىلەن ئىپادىلىنىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر