چەت ئەلدە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى داۋاملىق بېلەت تاشلىماقتا

چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىدىن 797 مىڭ 841 سايلىغۇچى 14 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

1981948
چەت ئەلدە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى داۋاملىق بېلەت تاشلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەنقەرە ۋاقتى 18.30 غىچە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىدىن 797 مىڭ 841 سايلىغۇچى تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا، 60 مىڭ  سايلىغۇچى 402 تاموژنا ئېغىزىلىرىدا، تۈركىيەدە 14 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر