مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى قاچقۇن تېرروچى ئاقيولنى قولغا چۈشۈرۈپ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) مەلۇم بىر چەت دۆلەتتە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ك ج ك – پ ي د / ي پ گ ئەزاسى، قاچقۇن راسىم ئاقيولنى قولغا چۈشۈرۈپ تۈركىيەگە ئېلىپ كەلدى.

1980713
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى قاچقۇن تېرروچى ئاقيولنى قولغا چۈشۈرۈپ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قاچقۇن تېررورچى ئاقيولنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىن ياۋروپاغا قېچىپ كېتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان ۋە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى قولغا چۈشۈرۈپ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئاقيول «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قورال بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىكەن.

ئاقيولنىڭ يەنە، 2018 – يىلى خاتايدا 25 كىلوگىرام پارتلاتقۇچ ماددا بىلەن ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان پەيتتە قولغا چۈشكەن پ ك ك / ك ج ك ئەزالىرىغا ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر