تۈركىيە ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى ئەرىۋاندا ئېچىلغان «نېمېسىس ئابىدىسى» ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1980020
تۈركىيە ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى ئەرىۋاندا ئېچىلغان «نېمېسىس ئابىدىسى» ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

«بىز 1920 - يىللارنىڭ بېشىدا ئوسمانلى سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبەرلىرىنى، شۇنداقلا ئەزەربەيجان ئەمەلدارلىرىنى، ھەتتا بىر قىسىم مىللىتى ئەرمەن ئوسمانلى پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىگە بېغىشلانغان «نېمېسىس ئابىدىسى»نىڭ ئەرىۋاندا ئېچىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، بۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئابىدىنىڭ ئېچىلىشى 31 دىپلومات ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى ئۆلتۈرۈلگەن قەبىھ تېرورلۇق ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قانلىق دەھشەت ھەرىكىتىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئەرمېنىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇسلۇبىنىڭمۇ <قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان تارىخنى بۇرمىلاش ئۇرۇنۇشى>نىڭ ھېلىھەم بەزىلەرنىڭ ئېڭىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى نورماللىشىش مۇساپىسىنىڭ روھىغا ماس كەلمەيدىغان بۇ خىل قۇترىتىش خاراكتېرلىك قەدەملەر، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك، سىجىل تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقىغا ھېچقانداق تۆھپە قوشمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇلار نورماللىشىش مۇساپىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر