ئەردوغان ئومان سۇلتانى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئومان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىق بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1977338
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئومان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىقنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە - ئومان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان نۇقتىلار ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
ئىككى رەھبەر ئۆزئارا بىر – بىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەشكەن.