ئەردوغان شانلىئۇرفادىكى ئۇل سېلىش ۋە ئاچقۇچ تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە 650 مىڭ يېڭى ئۆي سېلىش ئارقىلىق يەر تەۋرەش رايونلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1975762
ئەردوغان شانلىئۇرفادىكى ئۇل سېلىش ۋە ئاچقۇچ تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شانلىئۇرفادا ئۆتكۈزۈلگەن 897 ئاپەت تۇرالغۇسىغا ئۇل سېلىش ۋە 61 دۇكاننىڭ ئاچقۇچىنى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئۇ مۇراسىمدىكى سۆزى جەريانىدا، مۇراسىمغا قاتناشقان ئاممىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلغانلىقىنى، خەلقنىڭ كوچىلاردىكى كۈچلۈك قىزىقىشى تۈپەيلى ئايرودۇرۇمدىن تەخمىنەن بىر سائەتتە مۇراسىم رايونىغا يېتىپ كېلەلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

6 – فېۋرالدا تۈركىيەنىڭ ناھايىتى كەڭ رايونىنىڭ شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر بىلەن زىلزىلىگە كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەتكەن ئەردوغان: «يەر تەۋرەش خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان دۆلەت ۋە خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىزنى بۇ رايونلارغا سەپەرۋەر قىلدۇق. ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى، يېمەكلىكتىن كىيىم - كېچەك ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغىچە بولغان مۇھىم ياردەملەر، خارابىلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، دائىمىي تۇرالغۇلارنى سېلىش باسقۇچىغا يېتىپ كەلدۇق» دېدى.

يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئاپەتنىڭ جاراھەتلىرىنى ساقايتىش، زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، ئۆزلىرىنىڭ 319 مىڭى بىر يىل ئىچىدە ھەقدارلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغان شەكىلدە 650 مىڭ يېڭى ئۆي سالىدىغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ھەتتا، ھېيتتا قۇرۇلۇشى تاماملانغان تۇنجى تۈركۈم كەنت ئۆيلىرىمىزنى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز. دۇنيادا بۇنداق چوڭ ئاپەت يۈز بېرىپ ئىككى يېرىم ئايدىن كېيىنلا پۇقرالىرىنى ئۆيلەرگە ئىگە قىلىشقا باشلىيالايدىغان باشقا بىر دۆلەت، باشقا بىر ھۆكۈمەت يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر