ئەردوغان: نىشانىمىز شەھەرلىرىمىزنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈش

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىشانلىرىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدىكى شەھەرلەردىكى كۈندىلىك ھاياتنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1974952
ئەردوغان: نىشانىمىز شەھەرلىرىمىزنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن مالاتيادا بەرگەن باياناتىدا، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىزدەش – قۇتقۇزۇش، خارابىلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، جىددىي ياردەم بېرىش ۋە ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بىرلىكتە تۇرالغۇ سېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى: «نىشانىمىز 319 مىڭىنى بىر يىل ئىچىدە تاپشۇرۇپ بېرىدىغان شەكىلدە  650 مىڭ يېڭى ئۆي سېلىش ئارقىلىق يەر تەۋرەش رايونىدىكى شەھەرلەردىكى كۈندىلىك ھاياتنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر