ئەردوغان: بىر يىل ئىچىدە ئاپەت رايونلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر يىل ئىچىدە 650 مىڭ تۇرالغۇ سېلىپ، ئاپەت رايونلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1965374
ئەردوغان: بىر يىل ئىچىدە ئاپەت رايونلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز
erdogan depremzedeler iftar bulusmasi.jpg
erdogan depremzedeler iftar bulusmasi.jpg
erdogan depremzedeler iftar bulusmasi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ بۈيۈكچەمەجە رايونىدا ئاپەتكە ئۇچرىغانلار بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ 6-فېۋرال 11 ۋىلايەتتە ياشاۋاتقان 14 مىليون كىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن قاھرانماراش يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە، دۆلەتنىڭ پۈتكۈل ئىدارە-ئورگانلىرىنى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلار ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خەلقنىڭمۇ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دەسلەپكى كۈندىن تارتىپلا ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر شۇنداقلا خەلقئارا ياردەملەرنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز. مەقسىتىمىز، بىر يىل ئىچىدە ئۇل-ئەسلىھەلىرى، بارلىق ئىجتىمائىي ۋە سودا ئورۇنلىرى بىلەن 319 مىڭ تۇرالغۇ، جەمئىي 650 مىڭ تۇرالغۇ سېلىپ، ئاپەت رايونلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. شەھەرلىرىمىزدە  تارىخىي ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا مۇۋاپىق ھالدا پۇختا ۋە بىخەتەر بىنالارنى سالىمىز» دېدى.

ئۇ پۇختا بىنالارنىڭ پۈتۈشى بىلەن، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئالدىدا يىپيېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق پەزىلىتىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە يەنە بىر قېتىم كۆرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر