چاۋۇشئوغلۇ ئال نەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى شەيخ ئابدۇللاھ بىن زايىد ئال نەھيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
1963254
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئال نەھيان بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 – خاتىرە يىلى ھەمدە ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 6 – فېۋرال تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن نامايان قىلغان ھەمكارلىق روھى ۋە بەرگەن ياردەملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە، ماداغاسقارنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۋېتتې سيللاغا تېلېفون قىلىپ، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.