چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلاۋاتىمىز

تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە بىلەن تۆت تەرەپلىك تاشقى ئىشلار مىستىرلىرى ئۇچرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1956699
چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىستىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلاۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

چاۋۇشئوغلۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ (تۈركىيە-سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئۇچرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرۇلۇق تەكلىپ سۇنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىغا ئىراننىڭمۇ قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ تەكلىپكە قارشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە بىلەن تۆت تەرەپلىك تاشقى ئىشلار مىستىرلىرى ئۇچرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يىغىننى تۆت تەرەپلىك تاشقى ئىشلار مىستىرلىرى شەكلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.رۇسىيە (تۈركىيە-سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئۇچرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرۇلۇق تەكلىپ سۇندى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ دائىرىدە كېلەر ھەپتە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىزنى موسكۋاغا ئەۋەتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر