تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 44 مىڭ 374 كە يەتتى
قاھرامانماراشتا 6 – فېۋرالدا يۈز بەرگەن ۋە 11 ۋىلايەتكە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 44 مىڭ 374 كە يەتتى.
1951762
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) باشلىقى يۇنۇس سەزەر 7.7 بال ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 44 مىڭ 374 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
يۇنۇس سەزەر 6 - فېۋرالدىن بۇيان رايوندا 10 مىڭغا يېقىن قالدۇق يەر تەۋرەشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، 8182 نەپەر ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.