مالاتيادا 5.6 بال يەر تەۋرىدى
مالاتيادا يۈز بەرگەن 5.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1952109
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ رەئىسى يۈسۈف سەزەر مالاتيادا ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 12 دىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە 5.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 69 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، قوشنا ۋىلايەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن يەر تەۋرەش يەردىن 6.96 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.