ئەمىنە ئەردوغان ب د ت ۋەكىلى مەيمۇنە مۇھەممەد شەرىف بىلەن يەر تەۋرەش رايونىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئولتۇراق رايون ئىجرائىيە مۇدىرى مەيمۇنە مۇھەممەد شەرىف بىلەن بىرگە غازىئانتەپتىكى يەر تەۋرەش رايونلىرىنى زىيارەت قىلدى.

1951596
ئەمىنە ئەردوغان ب د ت ۋەكىلى مەيمۇنە مۇھەممەد شەرىف بىلەن يەر تەۋرەش رايونىنى زىيارەت قىلدى
Emine Erdogan-Maimunah Mohd Sharif gaziantep.jpg
Emine Erdogan-Maimunah Mohd Sharif gaziantep2.jpg
Emine Erdogan-Maimunah Mohd Sharif gaziantep1.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئولتۇراق رايون ئىجرائىيە مۇدىرى مەيمۇنە مۇھەممەد شەرىف بىلەن بىرگە 6 - فېۋرالدىكى قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان غازىئانتەپنىڭ نۇرداغى ۋە ئىسلاھىيە رايونلىرىنى زىيارەت قىلدى.

ئەمىنە ئەردوغان بىلەن مەيمۇنە مۇھەممەد شەرىف نۇرداغىدىكى كونتېينېر شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ، يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغان ئائىلىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئەمىنە ئەردوغان بىلەن مەيمۇنە مۇھەممەد شەرىف مۇھىت ئاسراش، شەھەرچىلىك ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلىشىشى ئاستىدا يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئىجتىمائىي رايونلارنىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىجتىمائىي بازار، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەكلىك چېدىرلىرىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.

ئەمىنە ئەردوغان بىلەن مەيمۇنە مۇھەممەد شەرىف بالىلار ۋە يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغان ئاياللارغا يېقىندىن كۆڭۈل بولدى شۇنداقلا  بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىغا ئىشتىراك قىلدى.

پسىخولوگىيىلىك ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات ئالغان ۋە ئاياللار كوپىراتىپى خىزمەت سېخىدىكى كەسپىي تەربىيىلەش ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئەمىنە ئەردوغان ۋە مەيمۇنە مۇھەممەد شەرىف، ئىسلاھىيە رايونىدىكى كونتېينېر شەھىرىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

ئەمىنە ئەردوغان بىلەن مەيمۇنە مۇھەممەد شەرىف كونتېينېر شەھىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغۇچىلارغا سۇنۇلغان مۇلازىمەتلەر ۋە يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجلىرىغا ئالاقىدار باھالاش يىغىنىغىمۇ قاتناشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر