تۈركىيە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان نابلۇس شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان نابلۇس شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە ياشانغانلار ۋە پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 10 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى، ھەمدە رايوندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق ھۇجۇملار ۋە ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە دەرھال خاتىمە بېرىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، پەلەستىن دۆلىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان نابلۇس شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 10 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 100 دىن ئارتۇق كىشىىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.