يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 2921 گە يەتتى

قاھرامانماراشنىڭ پازارجىك ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.7 بال، ئەلبىستان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.6 بال يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 2921 گە يەتتى.

1942794
يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 2921 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى يۇنۇس سەزەر قاھرامانماراش ۋىلايىتىنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشلەردە 2 مىڭ 921 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 15 مىڭ 834 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى كۈنى (6-فېۋرال) ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 04 تىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە قاھرامانماراشنىڭ پازارجىك ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن تەۋرەش چوڭلۇقىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلىنغىنىدەك  7.4 بال ئەمەس، 7.7 بال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

10 دىن ئارتۇق شەھەردە ھېس قىلىنغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن، خەلقئارا ياردەمنى قوبۇل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4-دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتى ئېلان قىلىنغانىدى.

ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالار جايلاشقان جايلاردىكى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

قاھرامانماراشنىڭ ئەلبىستان ناھىيەسىدە تۈنۈگۈن (6-فېۋرال) ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 13 تىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يېڭىدىن 7.6 بال يەر تەۋرىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر