تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4 مىڭدىن ئاشتى
قاھرامانماراش مەركەزلىك 7.7 ۋە 7.6 باللىق يەر تەۋرەشلەردە قاز قىلغانلارنىڭ سانى 4 مىڭ 544 كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 26 مىڭ 721 گە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى يەر تەۋرەشلەردە 4 مىڭ 544 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 26 مىڭ 721 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 5 مىڭ 775 بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئاپەت رايونلىرىدا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئاپەت رايونلىرىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئەۋەتكەن 10 مىڭ كىشىلىك چېدىرلارنىڭ قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپەت رايونلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى سانىنىڭ 25 مىڭ 693 كە، ھەر خىل ئاپتوموبىل سانىنىڭ 360 قا، ھەر خىل قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ساننىڭ 3 مىڭ 361 گە يەتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.