تۈركىيە - شىۋېتسىيە - فىنلاندىيە ئۈچ تەرەپ يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى
تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئۈچ تەرەپ مېخانىزم يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى.
1937469

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك تەرەپدارلىرى شىۋېتسىيەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى قۇترىتىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان 21 – يانۋار(2023)، پايتەخت ستوكھولمدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشى سادىر قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ قەبىھ قىلمىشلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.