ئاقار ئەتە گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەتە (20 – يانۋار) گېرمانىيەدە چاقىرىلىدىغان «ئۇكرائىنا مەسىلىسى» تېمىلىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رامستېين ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدا ئەتە (20 – مارت كۈنى) چاقىرىلىدىغان «ئۇكرائىنا ئۈچۈن مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى يىغىنى» دا، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان يىغىنغا، تەخمىنەن 30 دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى قاتنىشىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە، يىغىندا، 2022 - يىلى 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دائىرىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.