ئۈنال ئۈستەل: تۈركىيەنىڭ تولۇق قوللىشى بىزگە ئىشەنچ بەردى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستەل قىبرىس مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى تۈركىيەنىڭ تولۇق قوللايدىغانلىقىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشەنچ بەرگەنلىكىنى بىلدرۈدى.

1934227
ئۈنال ئۈستەل: تۈركىيەنىڭ تولۇق قوللىشى بىزگە ئىشەنچ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستەل تۈركىيە مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوكتاي بىلەن بىرلىكتە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر ساھەدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز قىبرىس مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى، ئانا ۋەتەن تۈركىيەنىڭ ئىزچىل ھالدا تولۇق ۋە كەمكۈتسىز قوللىغانلىقىنى كۆرۈش، بىزگە ئىشەنچ بەرمەكتە. قىبرىس تۈرك خەلقى تۈركىيە بەرگەن بۇ چوڭ كۈچ ئارقىلىق دۇنيادا <مەنمۇ بار> دېيىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سېنتەبىردە (2022) ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلغاندا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن قىلغان چاقىرقىنىڭ «تارىخىي قەدەم» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان بىر دۆلەت قىلىپ تەييارلاش. ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر