تۈركىيە ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قوبۇل قىلىش باشلاندى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇغقان خەلقلەر ئىدارىسى — ي ت ب نىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەدە ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» پىروگراممىسىغا ئىلتىماس قوبۇل قىلىش باشلاندى.

1930818
تۈركىيە ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قوبۇل قىلىش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ي ت ب  يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 1992-يىلى «بۈيۈك ئوقۇغۇچىلار تۈرى» دېگەن نام بىلەن باشلىنىپ، 2012-يىلى «تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن تۈركىيەنىڭ رەسمىي ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پولى پىروگراممىسىنىڭ  2023-يىللىق ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋاقتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پىروگراممىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن  تولۇق كۇرس، ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلالايدۇ.

ئوقۇش مۇكاپات پىروگراممىسىغا 20-فېۋرالغىچە ي ت ب  نىڭ «https://tbbs.turkiyeburslari.gov.tr» تور بېتى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

تۈركىيە ئوقۇش ياردەم پۇلى پىروگراممىسى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئايلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئۇنىۋېرسىتېتقا تۆلىدىغان ئوقۇش بەدەل پۇلى، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، ياتاق، ھەقسىز كەسپىي ۋە ئىلمىي پىروگراممىلار، ساياھەت بېلىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى پىروگراممىسى دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر