ئاسىيا پارلامېنتلىرى ئانسامبىلى يىغىنى ئانتاليادا باشلاندى

ئاسىيا پارلامېنتلىرى ئانسامبىلىنىڭ 13 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى)، قوشۇمچە ئاسىيا پارلامېنتلىرى ئانسامبىلى باشلىقى مۇستاپا شەنتوپنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئانتاليادا باشلاندى.

1929966
ئاسىيا پارلامېنتلىرى ئانسامبىلى يىغىنى ئانتاليادا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيا پارلامېنتلىرى ئانسامبىلىنىڭ «ئۆزگىرىشچان خەلقئارا شارائىتتا كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەن تېما ئاستىدا چاقىرىلغان 13 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا ئانسامبىلغا ئەزا 27 دۆلەتتىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى.

مۇستاپا شەنتوپ يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئاسىيا پارلامېنتلىرى ئانسامبىلى باش كاتىپى مۇھەممەد رىزا ماجىدى ۋە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

يىغىنغا ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى ساھىبە گافاروۋا، شەرقىي تىمور، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركمەنىستان ۋە يەمەننىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى؛ ئىراق، پەلەستىن، رۇسىيە، ئىيوردانىيە ۋە ئومان پارلامېنتلىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

يىغىنغا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى باشلىقى زورلۇ تۆرە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر