ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1928473
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئېنېرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە سۈرىيە كىرىزىسى قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەدە تەبىئىي گاز مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن ئۇل ئەسلىھە مۇئەسسەسەلىرىنى مۇستەھكەملەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى، بۇ ھەقتە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىپ، تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىگە، ئاشلىق كارىدورى، ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە زاپورىجيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش تەشەببۇسلىرىغا شاھىت بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تىنچلىق ۋە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش چاقىرىقلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىش ۋە كىرىزىسنى ئادىل ھەل قىلىش چارىسى ئارقىلىق قوللاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ نىڭ تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدىن، بولۇپمۇ تەلرىفئەت ۋە مۇنبىچ رايونلىرىدىن تازىلىنىشى ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە سۈرىيە مەسىلىسىدە ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇشى  ۋە سىياسىي باسقۇچتا بەزى قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر