ئەردوغان مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە پاش قىلىنغان تىۋىتتېر ھۆججەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئانادولۇ نەشرىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا ئۇيۇشتۇرغان «7-نۆۋەتلىك ئانادولۇ مېدىيا مۇكاپاتى» مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1928174
ئەردوغان مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە پاش قىلىنغان تىۋىتتېر ھۆججەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «2023-يىلىنىڭ تۈركىيەسىدە مەتبۇئات 90-، 80- ۋە 70-يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەركىن» دېدى.

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 20 يىلدا دېموكراتىيە بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئەخلاقى ۋە ئەركىنلىكى جەھەتتىمۇ بىر بالداق ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان: «دۆلىتىمىزنىڭ مەتبۇئات - ئاخبارات تارىخىنى بىلىدىغان، ئوبيېكتىپ باھا بېرىدىغان بارلىق كىشىلەر نۆۋەتتە تاراتقۇلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇستەقىل، كۆپ سانلىقچى ۋە باي قۇرۇلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ 2023-يىلىنىڭ تۈركىيەسىدە مەتبۇئات 90-، 80- ۋە 70-يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەركىن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىدە يەنە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تىۋىتتېرنىڭ ئېلون ماسك تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىشىدىن كېيىن بىر تۈركۈم مۇخبىرلار تەرىپىدىن پاش قىلىنغان «تىۋىتتېر ھۆججەتلىرى» توغرىسىدا توختىلىپ: «ئەركىنلىك ۋە كىشىلەرنىڭ خاسلىقىنى قوغداشتىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغاندەك تۈسكە كىرىۋالغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ كىملەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى، پەردە ئارقىسىدا نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان كىشى ۋە پىكىرلەرگە قانداق توسالغۇلارنى پەيدا قىلغانلىقى بىرمۇبىر ئوتتۇرىغا چىقتى، ئەمما، نە خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى ياكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ سەتچىلىكلەرگە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمايدۇ. ئېغىزىنى ئاچسىلا، تۈركىيەنى ئاخباراتنى تىزگىنلەش بىلەن ئەيىبلىگەنلەر، تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ يامىنىنى يولغا قويغانلار توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ. مىلياردلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلار، ھېچ ئىش بولمىغاندەك دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكلەر توغرىسىدا گەپ سېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر