ئىراقنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن بىر بۇلۇڭغا قاپسالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى تەسلىم بولدى.

1917662
ئىراقنىڭ شىمالىدا 4 تېررورچى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋادىنمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەن ھەرىكەتتە بىر بۇلۇڭغا قىستالغان تېررورچىلارنىڭ تەسلىم بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا، «تېررورچىلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بىردىنبىر چارە تۈركىيە ئەدلىيەسىگە تەسلىم بولۇشتۇر. قوماندانلىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىنمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەن ھەرىكىتىدە قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان 4 نەپەر پ ك ك تېررورچىسى تەسلىم بولدى. تېررورچىلار بىلەن بىرلىكتە 4 دانە <AK-47> تىپلىق پىيادە ئەسكەر مىلتىقى ۋە مىلتىققا تەۋە 600 پاي ئوق، 10 دانە قول بومبىسى، رادىيو ۋە مەرگەن دۇربۇنى قولغا چۈشۈرۈلدى. ھەرىكەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرغان ئەسكەرلىرىمىزنى تەبرىكلەيمىز ھەمدە ئۇلارغا كېيىنكى خىزمەتلىرىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر