جۇمھۇر رەئىس 2022- يىللىق TRT World مۇنبىرىدە سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1916934
جۇمھۇر رەئىس 2022- يىللىق TRT World مۇنبىرىدە سۆز قىلدى
erdogan trt world forum.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 2022 - يىللىق TRT World مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، بۇ يىلقى مۇنبەرنىڭ يۇقۇم ۋە رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تۈپەيلى دۇنيا مىقياسىدا جىددىيچىلىك كۈچىيىپ كەتكەن بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىبارەت ئېغىر تالاپەتتىن باشقا، رايون ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ئىنسانىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي چىقىملارنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن قويۇق دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوغداش بىلەن بىرلىكتە، رۇسىيەگە قارشى ئاقىلانە بولمىغان سىياسەتلەر ئارقىلىق رايوندىكى ئوتنىڭ ئۇلغايتىلىشىغىمۇ قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدىن چەت ئەللەرگە يۆتكلىدىغان ھالقىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاشلىق يۆتكەشنىڭ توختاپ كېتىشىنىڭ، ياۋروپادىن ئافرىقاغىچە بولغان بارلىق دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن دۇنياۋى ئاشلىق كىرىزىسىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، كىرىزىسنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە يەكشەنبە كۈنى پۇتىن ۋە زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەگە ۋە ئاقدېڭىزدا گىرېتسىيەنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە يار – يۆلەك بولغانلارغا قاراپ تۇرمىدۇق، تۇرمايمىز. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتودا بىرلىكتىمىز. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، گىرېتسىيە ئاراللىرىنى قوراللاندۇرۇۋاتىسىلەر. بىز ھازىرغىچە پۇلىسىنى تۆلەپ بولغان F-16 مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايۋاتىمىز» دېدى.

تۈركىيە يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئاشكارا – يوشۇرۇن قوللاۋاتقان ياۋروپا بىلەن ئورتاق كەلگۈسى بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «شۇنچە كۆپ پىداكارلىقلىرىمىزغا قارىماي، بىرلىكىمىزگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزدە يالغۇز تاشلاپ قويۇلغانلىقىمىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز. نەچچە مىڭ يۈك ماشىنىسى قورال، ئوق – دورا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا يوللاندى. ئۇنى يوللىغىنى بىز ناتودا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. ھېچكىم بىزنىڭ تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىمىزنىڭ ھېسابىنى سورالمايدۇ. چېگرامىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى ھەممە كۆرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر