ئاقار: ئامېرىكانىڭ ئىجابىي قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيەگە « F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئىجابىي قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1916556
ئاقار: ئامېرىكانىڭ ئىجابىي قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان فىنلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتتى كايككونېن بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئىككى مىنىستىر قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئاقار، بىر ژۇرنالىستنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، تۈركىيەگە « F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىشكە بەزى چەكلىمىلەر قويۇلغان ماددىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىنىڭ تېكىستىدىن چىقىۋېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا،  40 دائە « F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىش ۋە ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت 79 ئايروپىلاننى زامانىۋىلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئىجابىي ۋە تېزلىك بىلەن نەتىجىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدە باشتىن-ئاخىر ئامېرىكالىق كەسىپداشلىرىمىزنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيەلىرىنى كۆردۇق. بۇ ئىجابىي پوزىتسىيەلەرگە ئاساسەن، بىز ھازىر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئىجابىي ۋە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ دەرھال، ئىجابىي ۋە تېز نەتىجىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. فىنلاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرىشى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنى  زامانىۋىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پائالىيەتلىرىنى قوللىشى ۋە ھەسسە قوشۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارغا قارشى  كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بىردىنبىر نىشانىنىڭ تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئاقار، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قۇدرەتلىك تۈركىيە ئارمىيەسى دېمەك، قۇدرەتلىك ناتو، قۇدرەتلىك ئىتتىپاقداشلىق دېگەنلىكتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر