ئەمىنە ئەردوغان ئۇكرائىنالىق يېتىم بالىلارنى يوقلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئۇكرائىنادىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەن يېتىم بالىلارنىڭ بىخەتەر جايدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

1913310
ئەمىنە ئەردوغان ئۇكرائىنالىق يېتىم بالىلارنى يوقلىدى
emine erdogan ukraynali yetim cocuk.jpg
emine erdogan ukraynali yetim cocuk.jpg
emine erdogan ukraynali yetim cocuk.jpg
emine erdogan ukraynali yetim cocuk.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىينىڭ رەپىقىسى ئولېنا زېلېنىسكا بىلەن 2 – ئۆكتەبىر(2022) كۈنى ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەندە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ دەسلەپكى قەدىمى سۈپىتىدە، ئودېسا سونېچكو بالىلار يەسلىسىدىن پايتەخت ئەنقەرگە كەلتۈرۈلگەن يېتىم بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ كۈتكۈچىلىرىنى، ئۇلار مېھمان قىلىنىۋاتقان ئائىلە ۋە ئاممىۋى خىزمەتلەر مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بالىلار يەسلىسىدە يوقلىدى.

ئۇ، بۇ يەردە دائىرىلەردىن يېتىم بالىلار ھەققىدە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.

بالىلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆڭۈل بۆلگەن، پاراڭلاشقان ۋە ئويۇنچۇق ھەدىيە قىلغان ئەمىنە ئەردوغان، ساغلاملىق مەسىلىسى بار 7 ياشلىق بالىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجى توغرىسىدا نېمىلەرنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن مەلۇمات ئالدى.

بالىلارمۇ ئەمىنە ئەردوغانغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى.

بالىلار يەسلىسىنىڭ تەلىم – تەربىيە، ئويۇن سىنىپلىرى ۋە ئۇخلاش ئۆيلىرىنىمۇ ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ئەمىنە ئەردوغاننىڭ بىر بالا بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىشى دىقققەت قوزغىدى.

ئۇكرائىنانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاسىل بودنارمۇ قاتناشقان زىيارەتتە، ئىشتىراكچىلار ئۇكرائىنادىن كەلگەن يېتىم بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ  كۈتكۈچىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئەمىنە ئەردوغان ئۇكرائىنادىكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ھەردائىم ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر