ئەردوغان ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى جاكارلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ 2022 - يىلى 11 - ئاينىڭ 19 -كۈنىدىن باشلاپ 120 كۈن ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1907569
ئەردوغان ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى جاكارلىدى
Ukrayna Tahıl istanbul boğazı (4).jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ ئۇ باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت تەرەپ سۆھبىتى نەتىجىسىدە، تۈركىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن، قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى 2022 - يىلى  11 - ئاينىڭ  19 -كۈنىگىچە 120 كۈن ئۇزارتىلدى، دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئارقىمىزدا قالغان تۆت ئاي ئىچىدە 500 گە يېقىن پاراخوت بىلەن 11 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ موھتاجلارغا يەتكۈزۈلۈشى بىلەن، بۇ كېلىشىمنىڭ دۇنيانىڭ ئاشلىق ئېھتىياجى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ۋە پايدىلىق بولغانلىقى روشەن نايامان بولدى، دېگەن ئەردوغان: «مەن كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنى ئۇزاتىش مۇساپىسىدە ئىرادىسىنى ئىزھار قىلغان ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىيغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. خەيرلىك، مۇبارەك بولسۇن!» دېدى.

ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى قارشى ئالىمەن» دېدى.

ياۋروپا كومىسسىيونى رەئىسى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى قارا دېڭىز ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىغا بىخەتەر يۆتكەش كېلىشىمى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، تۈركىيە، ب د ت، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىستانبۇلدا ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر